ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن تېخىمۇ كۆپ ماللار ئامېرىكا تاموژنىسىدا تۇتۇپ قېلىنماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-09-06
Share

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئ‍ۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ھەركەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن بۇنىڭغا ماس ھالدا ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن تەدبىرلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش بولۇپ كەلمەكتە.

يېقىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىيە ئىدارىسى خىتايدىن ئېكىسپورت قىلىنغان زور تۈركۈمدىكى توۋارلارنى «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا چېتىشلىق مەھسۇلاتلار» دەپ مۇسادىرە قىلغان ئىدى. ئۆتكەن ئايدا ئۇلار تەنھەركەت ئايىقى ۋە ئەرەنچە كيىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنە بىر تۈركۈم خىتاي توۋارلىرىنى مۇسادىرە قىلغان. قىزىقارلىق يېرى خىتاي ئېكىسپورت قىلغان بۇ توۋارلارغا «ۋىيېتنامدا ئىشلەنگەن» دېگەن خەتلەر بېسىلغان ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان قاتتىق ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن «مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە مەنئىي قىلىش» خىزمىتى دۇنيا مىقياسىدا زور ئۈنۈملەرگە ئېرىشكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كېۋەزلىككە باغلانغان غايەت زور مەجبۇرىي ئەمگەك تۈپەيلىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرى تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارغا كېڭەيگەن. «ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى سكوت نوۋا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ خىل تەدبىرلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنى بۇ خىل قانۇنسىز قىلمىشلارغا تېزدىن خاتىمە بېرىشكە قىستايدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان بارغانسېرى زور كۆلەم ئېلىۋاتقان بولۇپ، «ئامېرىكا تاموژنىسى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا جەننەت بولالمايدۇ،» دېگەن ئۇچۇرنى يوللىماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت