ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجۇرىي ئەمگەكنىڭ مەركىزى دەپ قارالغان ئالتە ئورۇن، خىتاينىڭ «ئۈلگىلىك سانائەت باغچىسى» بولۇپ باھالانغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-09-08
Share

خىتاي دائ‍ىرىلىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن «مەجۇرىي ئەمگەك بازىسى» دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان بەزى ئورۇنلارنى «2021-يىللىق شىنجاڭ رەقەملىك ئىقتىساد ئۈلگىلىك باغچىسى» دەپ باھالىغان. بۇ تىزىملىككە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى باغچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە ئورۇن كىرگۈزۈلگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 7-سېنتەبىر ئاشكارلىشىچە، بۇ ئالتە «ئۈلگىلىك ئىقتىساد باغچىسى» ئۈرۈمچى يۇقۇرى ۋە يېڭى تېخنىكالىق تەرەققىيات رايونى، شىنجاڭ يۇمشاق دېتال باغچىسى رايونى، غۇلجا چېگرا ئىقتىساد ھەمكارلىق رايونى، قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسپىي باغچىسى ۋە ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائەت باغچىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

تىزىملىكتىكى «ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى باغچىسى» خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق مەجبۇرىي ئەمگەك بازىلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارىلىپ كەلگەن. شۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى بۇ «سانائەت باغچىسى» غا جايلاشقان «خۇافۇ توقۇمىچىلىق شىركىتى» نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەن. ئ‍ۆتكەن يىلى ئ‍ۇچتۇرپانلىق ئۇيغۇر ياش مىرئادىل ھەسەن «ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائەت باغچىسى» دا لاگېردىن ئېلىپ كېلىنگەن 20 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارلىغان. رادىيومىز كېيىنرەك مىرئادىل ھەسەننىڭ بەرگەن ئۇچۇرلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئاشكارلىشىچە، نۆۋەتتە «ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائەت باغچىسى» دا رۇيخەتكە ئالدۇرغان 546 كارخانا بار ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە كۆلەمدىن يۇقۇرى كارخانا 42 بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشقان. بۇ سانائەت باغچىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەركەزلەشكەن توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىدىكى «ئۈچ شەھەرچە، يەتتە باغچە، بىر مەركەز» بويىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى تۇنجى شەھەرچىگە ئايلانغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت