H&M شىركىتى ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ ئىشلەتكەن خىتاي زاۋۇتى بىلەن سودا ئالاقىسىنى ئۈزگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.09.16

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 15-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، شىۋېتسىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق كىيىم-كېچەك شىركىتى H&M خىتاينىڭ يىپ ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر زاۋۇتى بىلەن بولغان سودىسىنى ئاياغلاشتۇرغان؛ چۈنكى بۇ زاۋۇتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بار ئىكەن. H&M شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر قانداق كىيىم-كېچەك زاۋۇتى بىلەن سودا قىلمايدىكەن، شۇنداقلا بۇ رايوندىن پاختا سېتىۋالمايدىكەن. ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ پاختا بازىسى بولۇپ، ئۇيغۇر رايونى ۋە ئىچكىرى خىتايدىكى نۇرغۇن كىيىم-كېچەك زاۋۇتلىرىنى خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 3-ئايدا ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت تەتقىقات مەركىزى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلەتكەن خىتاي زاۋۇتلىرىدىن مەنپەئەتلىنىۋاتقان شىركەتلەر ئىچىدە H&M شىركىتىمۇ بار دېيىلگەن بولۇپ، ئەنخۇيدىكى بىر يىپ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. ئەمما H&M شىركىتى ئەنخۇيدىكى بۇ زاۋۇت بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، جېجياڭ خۇافۇ رەخت زاۋۇتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سودىسى بىلەنمۇ چېتىشلىقى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.