خىتاينىڭ «شىنجاڭنىڭ ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىسپاتى، دەپ قارالماقتا
2020.09.17
خىتاي دۆلەت ئىشلار كابىنېتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى 17-سېنتەبىر كۈنى «شىنجاڭنىڭ ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى» ناملىق بىر ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى. بۇ كىتاب دەل ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى قۇل ئەمگىكىگە سېلىش بىلەن ئەيىبلەپ تەدبىر قوللىنىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى.
مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار دېيىلگەن: «شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى پائال كېڭەيتتى. 2014-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە شىنجاڭدا ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 مىليون 300 مىڭغا يېقىن ئىشچى ‹كەسپىي تەربىيەلەش› كە قاتناشتۇرۇلدى، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2 مىليون 763 مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن ئارتۇق يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.»
چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بولسا بۇ كىتاب ئارقىلىق خىتاينىڭ لاگېرلارغا سولانغان كىشىلەرنىڭ سانىنى ئۆز ئېغزى بىلەن ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتايدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىر تەتقىقاتچىنى ۋە تەيۋەنلىك بىر مۇتەخەسسسىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇلار ھەر ئىككىسى يۇقىرىقى رەقەملەرنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ سانى ھەققىدە چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەر دەۋاتقان رەقەمگە ئىنتايىن ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكادىكى تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىزمۇ بۇ ھەقتە تىۋىتتېردە مەخسۇس ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ ئاق تاشلىق كىتابىدىكى رەقەملەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە زورلىنىۋاتقانلارغا ئائىت سانلىق مەلۇماتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاي دائىرىلىرى يۇقىرىقى بۇ ئاق تاشلىق كىتابىدا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ باراۋەر ھەق ئېلىش، دەم ئېلىش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى قوللىنىش قاتارلىق ھوقۇقلىرىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، تەتقىقاتچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دوكلاتنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە كۆرۈلۈۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسى» گە قارشى چىقارغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتىكەن.









