خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانىقىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-09-24
Share

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى رەت قىلىدىغان تەشۋىقات ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن. بۇنىڭ دەل ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلغان «ئۇيغۇرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇن» لايىھەسى 3 كە قارشى 406 ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن مەزگىلگە توغرا كېلىشى دىققەت قوزغىدى.

خىتاينىڭ شىنخۇا تورى 24-سېنتەبىر كۈنى خوتەندىكى زاۋۇت ۋە سېخلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ «خۇشال-خۇرام» ئىشلەۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىدىغان بىر پارچە سۈرەتلىك خەۋەر تارقىتىپ، غەربتىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك دەپ تەسۋىرلەۋاتقان بۇ كۆرۈنۈشلەرنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»، «كەسىپلەر تەرەققىياتى» دېگەن سۆزلەر بىلەن سۈپەتلىگەن. شىنخۇا تورى خەۋىرىدە «شىنجاڭ شىنجاڭنىڭ جەنۇبىنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، تېخىمۇ كۆپ زاۋۇت ۋە سېخلار نامرات رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ›ئىشىكى‹ئالدىدا ئېچىۋېتىلدى. نۇرغۇن نامرات ئائىلىلەر يېقىن ئەتراپتا مۇۋاپىق خىزمەت تاپتى. نامراتلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى ۋە كىرىمى بار بولدى» دېگەن.

ئەكسىچە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنى جەنۇبتا يەنىمۇ كۆپ كىشىنىڭ زاۋۇت-كارخانىلاردا ئىنتايىن تۆۋەن ھەق بىلەن مەجبۇرىي ھالدا قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمى ھازىر ئەڭ كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىشنى چەكلەش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ ھۆكۈمەتلەر ۋە داڭلىق ماركىلارغا بېسىم شەكىللەندۈرۈلمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.