ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىر غايەت زور كۆلەمگە ئىگە بولۇپ بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى دۇنياۋى داڭلىق شىركەتلەرنىڭ بېشىنى ئەڭ قاتتىق ئاغرىتىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ پاختا مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي ئېكسپورت قىلىۋاتقان پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلىشى بىلەن بۇ مەسىلە ھازىر كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىدىغان كۆپلىگەن خەلقئارالىق ماركا ئىگىلىرىنى تەڭقىسلىقتا قويماقتا ئىكەن.
4-ئۆكتەبىر كۈنى «تېلېگراف» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ كىيىم-كېچەك شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ھ&م شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ستېللا مەككارتنىي يېقىندا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ بۇنىڭدا تەمىنات زەنجىرىنىڭ پاختا تېرىش، يىغىش، چەككىلەش، رەخت توقۇش، كىيىم تىكىش، ئوراش-قاچىلاش دېگەندەك بەكمۇ كۆپ ساھەگە چېتىلىدىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنىڭ ھازىر قايسى ھالقىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان ساھە بىلەن چېتىلىدىغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ خىل قاباھەتلىك قىسمەتلەرگە بەكمۇ ئېچىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ زادى قايسى ھالقىلاردا مەۋجۇتلۇقىنى تەكشۈرۈشنىڭ قىيىنلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ستېللا مەككارتنىي بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا «بىز شىنجاڭ رايونىدىكى ھېچقانداق بىرەر شىركەتتىن بىۋاسىتە مەھسۇلات ئىمپورت قىلمايمىز. ئەمما بىز ئىشلىتىۋاتقان ھەمدە خىتايدىن سېتىۋېلىنغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنىڭ ئاشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىدىغانلىقىنى كۆڭلىمىز تۇيۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا بىز بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈشكە ھەمدە بىزنى مال بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىمىزنى بىلدۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز،» دېگەن.
نۆۋەتتە خەلقئارادىكى كىيىم-كېچەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كۆپلىگەن داڭلىق ماركا شىركەتلىرى ئۇيغۇرلارنى «زامانىۋى قۇل» لارغا ئايلاندۇرۇۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتمۇ-قات چەكلىمىلىرى تۈپەيلىدىن بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ تەمىنات زەنجىرىدىكى ھەقىقىي سالمىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا ئىلاجسىز ئىكەن.