ئامېرىكادىكى «كارون» يەر شارى خەۋپ ئانالىزى شىركىتى 6-نويابىر ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا، بەزى ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ داۋاملىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كاروننىڭ دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە بولغان ئەندىشىلەر كۈچىيىۋاتقان، ئامېرىكا يەر شارى ئاپتوموبىل سانائىتىدىن تەمىنلەش زەنجىرىگە بولغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشنى، خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا شېرىك بولۇپ قالماسلىقنى تەلەپ قىلىۋاتقان پەيتتە، بەزى شىركەتلەر يەنىلا داۋاملىق ئاپتوموبىللىرىغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق زاپچاسلارنى ئىشلەتمەكتە ئىكەن. دوكلاتتا، بۇ زاپچاسلارنىڭ ئاپتوموبىل كامىرى، ئېلېكتىرونلۇق ئەسۋاب، توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، بەزى غەرب ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ بۇ زاپچاسلارنى بۇ يىلنىڭ ئاۋغۇست ئايلىرىغىچە سېتىۋېلىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ زاپچاسلارنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان شاڭخەي خۇشيى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، «شۇاڭچيەن كامېر گۇرۇھى»، «شىنجاڭ شۇاڭچيەن كۇنلۇن كامېر چەكلىك شىركىتى»، «شىنجاڭ كۇنلۇن كامېر لايىھەلەش چەكلىك شىركىتى» قاتارلىقلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىش خەۋپى بولغان ئاپتوموبىل كامىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئىكەن. دوكلاتتا يەنە «خۇنەن ئەيخۇا گۇرۇھى شىركىتى» نىڭ غەرب ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئاليۇمىن ئېلېكتىرولىتلىق كوندېنساتور بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقى، بۇ مەھسۇلاتلارنى «شىنجاڭ خۇاشياڭ ئېلېكتىرونلۇق ماتېرىياللار چەكلىك شىركىتى»، «شىنجاڭ جىنتەي يېڭى ماتېرىياللار تېخنولوگىيە چەكلىك شىركىتى»، «شىنجاڭ روڭزې ئاليۇمىن قەغىزى ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتى» نىڭ ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
دوكلاتتا ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ «لياۋنىڭ جوڭمېي چەكلىك شىركىتى» ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق «شىنجاڭ خىتاي جىنيۈەن ماگنېي كانچىلىق شىركىتى» نىڭ كۆپ قىسىم ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، بۇ شىركەت شېنجېندىكى «شىنيى ئاپتوموبىل ئەينىكى چەكلىك شىركىتى» ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە كانادادىكى شىركەتلەرنى ئاپتوموبىل ئەينىكى بىلەن تەمىنلىمەكتە ئىكەن. خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورۇنلىرى ئىلگىرى ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى خىتاي ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ رۇدا ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
