ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تۈپەيلىدىن Zara شىركىتىنىڭ فىرانسىيەدە دۇكان كېڭەيتىشى چەكلىمىگە ئۇچرىدى
2021.11.30
دۇنيا زىبۇزىننەت ۋە كىيىم-كېچەك سودىسىدىكى بايراقدار شىركەتلەرنىڭ بىرى بولغان Zara شىركىتى فىرانسىيەدە ئۆزىنىڭ پارچە سېتىش دۇكانلىرىنى كېڭەيتمەكچى بولۇۋاتقاندا فىرانسىيە دائىرىلىرى «مەزكۇر شىركەت ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىدىن مەنپەئەتدار بولغان بولۇشى ئېھتىمالغا بەك يېقىن» دېگەن سەۋەب بىلەن بۇ تەلەپنى توختىتىپ قويغان.
فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 29-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، باش شىركىتى ئىسپانىيەدىكى Zara شىركىتى دەسلەپ فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بودۇ شەھىرىگە جايلاشقان دۇكان كۆلىمىنى بىر ھەسسە كېڭەيتمەكچى بولغان. ئەمما بۇ تەلەپ رايونلۇق كومىتېتقا تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن كومىتېت ئەزالىرى بۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقاپ بۇ تەلەپنى رەت قىلغان. كومىتېت ئەزالىرىدىن ئالان گارنېر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «Zara شىركىتى شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قالغان. ئۆزىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە ئۆزى ئىگە بولالمىغان بۇنداق شىركەتنىڭ دۇكان كېڭەيتىش تەلىپىنى رەت قىلدۇق. بىز بۇ ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپكە بىر كۈچلۈك ئۇچۇرنى يوللىماقتىمىز» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرى نۆۋەتتىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق ئەڭ چوڭ ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ كۆپلىگەن كىيىم-كېچەكلىرى ئاشۇ خىلدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكەنىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مۇشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق بىر قىسىم خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلار يېقىندىن بۇيان ئارقىمۇ ئارقىدىن مۇشۇ يوسۇندىكى چەكلەش ۋە تەنقىدلەرگە دۇچ كەلمەكتىكەن.