ئاۋسترالىيە پارلامېنتى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قانۇنىنى مۇزاكىرە قىلدى
2020.12.08
ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن رېكس پاترىك 8-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلەنگەن ھەقانداق مەھسۇلاتنى ئاۋسترالىيەنىڭ ئىمپورت قىلىشىنى چەكلەش ھەققىدىكى قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرىگە سۇندى.
ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە «خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان رېئاللىقتۇر. مىليونلىغان كىشىلەر ھازىر لاگېرلارغا قامىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قۇربانى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن. شۇنداقلا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىگە بىنائەن بۇ خىل سودا ئالاقىسىدىكى مەجۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا «بىر كۆزىنى قىسىۋېلىش» ئىنى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا مەغلۇپ بولغانلىق، دەپ كۆرسەتكەن.
يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە كەسكىن قارار ئېلىشىغا ئەگىشىپ كۆپلىگەن دۆلەتلەر بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇشقا باشلىدى. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار سانىنىڭ ئاللىقاچان 380دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى دەلىللەپ چىققان بولۇپ، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە جىددىي قارار ئېلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتمەكتىكەن.









