دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى نۇرغۇن ئاممىۋى تەشكىلاتلار، مەنپەئەت گۇرۇھلىرى، سانائەت ۋە سودا ئۇيۇشمىلىرى 18-ئاپرېل ئورتاق چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ياۋروپا پارلامېنتىنى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش نىزامىنى بىردەك ماقۇللاشقا چاقىرغان.
76 تەشكىلات، ئۇيۇشما ۋە مەنپەئەت گۇرۇھى ئىمزا قويغان ئورتاق چاقىرىقتا، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ كېلەر قېتىملىق يىغىنىدا تەرەپلەر بۇ يىل 3-ئايدا ئورتاق كېلىشىم ھاسىل قىلغان مەزكۇر نىزامنى قوللاپ ئاۋاز بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر 3-ئاينىڭ باشلىرىدا مەزكۇر نىزام ھەققىدە ئورتاق كېلىشىم ھاسىل قىلغان، شۇنداقلا بۇ نىزام 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خەلقئارا سودا، ئىچكى بازار ۋە ئىستېمالچىلارنى قوغداش كومىتېتىدا مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىپ، ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمى يىغىنىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلغان ئىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش نىزامىدا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، شۇنداقلا بۇ نىزام ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دەك كۈچلۈك قاراتمىلىققا ئىگە دەپ قارالمىسىمۇ، بىراق بۇ نىزام يەنىلا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتە بەلگىلىك رول ئوينايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
مەزكۇر نىزام، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئېيىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرگە چىقارغان ئېكسپورتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن 200 پىرسەنتتىن ئارتۇق كۆپەيگەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلغان. چاقىرىقتا، «بىز ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ بۇ قانۇن ئەتراپىدا ئىتتىپاقلىشىپ، پارلامېنتىنىڭ ئاپرېل ئېيى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنىدا قوللاپ ئاۋاز بېرىشىنى، ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ يولىنى ئېچىشىنى چاقىرىمىز» دېيىلگەن. چاقىرىقتا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ نىزام ماقۇللىنىپ يولغا قويۇلسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىدىكەن.