مېكسىكانىڭ ئامېرىكاغا ئېكىسپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرى خىتاينىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.02.08

2023-يىلى ئامېرىكا ئىمپورت قىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپ قىسمى مېكسىكادىن كەلگەن بولۇپ، مېكسىكانىڭ ئامېرىكاغا ئېكىسپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرى تۇنجى قېتىم خىتايدىن ئېشىپ كەتكەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مېكسىكا ئامېرىكانىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىمپورت مەھسۇلاتلىرى مەنبەسى بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئورنىنى تارتىۋېلىشى كېيىنكى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان كۆرۈلگەن تۇنجى ئەھۋال ئىكەن. بۇ ئۆزگىرىش ۋاشىنگىتون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جىددىيلىك، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ ئۆزىگە يېقىن دوستانە دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىش تىرىشچانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 8-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا مېكسىكادىن ئىمپورت قىلغان تاۋارلارنىڭ قىممىتى 2022-يىلدىن 2023-يىلغىچە %5 كە يېقىن ئېشىپ، 475 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان مەھسۇلات قىممىتى %20 تۆۋەنلەپ 427 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قالغان.

مېكسىكانىڭ ئامېرىكاغا مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىش تارىخىدىكى ئاخىرقى قېتىملىق ئەڭ يۇقىرى رېكورتى 2002-يىلى كۆرۈلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىنكى 20 يىل جەريانىدا خىتاي ئامېرىكاغا مەھسۇلات ئېكىسپورت قىلىشتا بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەپ كەلگەن ئىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى 2018-يىلى بېيجىڭنىڭ ناچار سودا ئادىتىنىڭ يەر شارى سودا قائىدىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارغا تاموژنا بېجى ئېلىشنى باشلىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، پرېزىدېنت جوۋ بايدېنمۇ بۇ تاموژنا بېجىنى ئوخشاشلا داۋام قىلدۇرغان. خىتاينىڭ مەھسۇلات مونۇپۇللۇقىغا تاقابىل تۇرۇش، ئامېرىكادىكى ھەر ئىككى سىياسىي پارتىيەنىڭ ئورتاق نۇقتىسى بولۇپ، بۇ ئىشلەپچىقىرىشنى ئامېرىكاغا قايتۇرۇپ ئەكېلىش ياكى ئامېرىكاغا دوستانە دۆلەتلەرگە يۆتكەش يۈزلىنىشىنى كۈچەيتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.