ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان شىۋېتسىيەدىكى چوڭ-كىچىك تاراتقۇلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك، شىۋېتسىيەدىكى بىردىن-بىر مۇسۇلمان ھەم تۈرك مىنىستېر مەھمەت قاپلانغا قىلىنغان سىياسىي ھۇجۇملار بەس-بەستە خەۋەر قىلىندى.
ھەتتا شىۋېتسىيەدە چىقىدىغان بىر قىسىم داڭلىق گېزىتلەردە مەھمەت قاپلاننىڭ شىۋېتسىيە شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە ئۆي-مۈلۈك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشى ياكى ئىستېپا بېرىشى ھەققىدە خەلق رايىنى سىناش ئېلىپ بېرىلغان.
بۈگۈن شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ستېفان لۆفۋېن تاراتقۇلاردا بايانات بېرىپ، مەھمەت قاپلاننىڭ ئۆي-مۈلۈك مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن بەرگەن ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مەھمەت قاپلان ئۆز ئىستېپاسى ھەققىدە «شىۋېتسىيە كۈندىلىكى» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «مەن ھەرۋاقىت ئىرقچىلىققا، ئىسلام-دۈشمەنلىكىگە، ئانتى-سېمىتىزمغا شۇنداقلا باشقا بارلىق شەكىللەردىكى ئايرىمىچىقلارغا قارشى كۈرەش قىلىپ كەلدىم. مەن ھاياتىم بويىچە ئىنسان ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغان شۇنداقلا دېموكراتىيىگە ئىشەنگەن بىر ئىنسانمەن. ھالبۇكى، بىر قىسىم گۇرۇپپىلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرىنى مېنى بىر ئىرقچى، رادىكال ئىسلامچى ۋە باشقا فورمىلاردىكى ئاشقۇن سىياسىيون دەپ قاراپ ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ماڭا قىلىنغان ھۇجۇم ۋە بۆھتانلارنىڭ ھەممىسى پەقەتلا مېنىڭ كېلىپ چىقىش يىلتىزىم بىلەن دىنىي ئېتىقادىمنىڭ پەرقلىق بولغانلىقىدىن بولدى. مەن بۈگۈنگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن قىممەت قارىشىم ۋە پرىنسىپلىرىمدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيمەن.»
بۇ يىل 44 ياشقا كىرگەن مەھمەت قاپلان شىۋېتسىيەدىكى يېشىللار پارتىيەسىدىن بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى شىۋېتسىيە پارلامېنتىسنىڭ ئەزاسى بولغان. 2014-يىلىدىن بۇيان شىۋېتسىيە شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە ئۆي-مۈلۈك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن ئىدى.
مىنىستېر مەھمەت قاپلانغا قارشى سىياسىي ھۇجۇملار بۇنىڭدىن بىرقانچە يىللار ئىلگىرى سابىق شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ كۇردلاردىن بولغان ئەزاسى نالىن پىكگۇل تەرىپىدىن باشلانغان. بۇ قېتىم مەھمەت قاپلاننى ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر قىلغان سىياسىي ماجىراغا ئۇنىڭ شىۋېتسىيە تاراتقۇلىرىدا ئىسرائىلىيەنى ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە ئوخشىتىپ ئېيتقان سۆزى پىلتا بولغان ئىكەن.
