2018-يىللىق «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى 4-ئىيۇل كۈنى، يەنى ئامېرىكانىڭ «مۇستەقىللىق بايرىمى» كۈنى غەلىبىلىك ھالدا باشلاندى. ۋىرگىنىيە شتاتىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ مۇسابىقىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى «تەكلىماكان ئۇيغۇر كوماندىسى» بىلەن «مارىيلاند ئۇيغۇر كوماندىسى» ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
«تەكلىماكان ئۇيغۇر كوماندىسى» 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن «مارېلاند ئۇيغۇر كوماندىسى» نى يېڭىۋالدى.
ئارقىدىن بىر قانچە قېتىم ئۇيغۇر ئامېرىكا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ۋىرگىنىيە شتاتىدىكى «ئۇيغۇر بىرلەشمىسى كوماندىسى» بىلەن «سان-فرانسىسكو ئۇيغۇر كوماندىسى» مۇسابىقىگە چۈشتى. كەسكىن داۋام قىلغان مۇسابىقىدە «ئۇيغۇر بىرلەشمىسى كوماندىسى» 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن «سان-فرانسىسكو ئۇيغۇر كوماندىسى» نى يېڭىۋالدى.
4-ئىيۇل كۈنىدىكى مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىسى «كانادا بۇغدا كوماندىسى» بىلەن «بوستون-نىيويورك بىرلەشمىسى كوماندىسى» ئارىسىدا ئوينالدى. مۇسابىقە نەتىجىسىدە «كانادا بوغدا كوماندىسى» 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئۇتۇۋالدى. توپ كۆرۈش ئۈچۈن مەيدانغا يىغىلغان ئۇيغۇرلار قىزغىن كەيپىيات بىلەن توپچىلارغا مەدەت بەردى.
«ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش مۇسابىقىسى 2015-يىلى تەسىس قىلىنغاندىن بېرى، ھەر يىلى يازدا ئۆتكۈزۈپ كېلىنمەكتە. بۇ مۇسابىقە ھازىر شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆز-ئارا ئۇچرىشىدىغان، بالىلارغا ئۇيغۇر مىللىي روھىنى سىڭدۈرىدىغان ئىنتايىن مۇھىم پائالىيەت سورۇنىغا ئايلاندى.
پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن ئىككىنچى كۈنى، يەنى 5-ئىيۇل كۈنى «ئۇيغۇر بىرلىكى كوماندىسى» بىلەن «نيۇيورك بوستون كوماندىسى»، «تەكلىماكان كوماندىسى» بىلەن «لوس-ئانجېلېس كوماندىسى»، «سان-فرانسىسكو كوماندىسى» بىلەن «كانادا بۇغدا كوماندىسى» مۇسابىقىگە چۈشىدىكەن.
