«كەنتتە تۇرۇپ مەسچىت باشقۇرۇش خىزمىتى» يولغا قويۇلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.10.20

خوتەن ۋىلايىتىدە «كەنتتە تۇرۇپ مەسچىت باشقۇرۇش» سىياسىتى يولغا قويۇلغان. خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن ۋىلايىتى 17-ئۆكتەبىر كۈنى مەخسۇس مۇراسىم بىلەن مەسچىت تەكشۈرۈش خىزمىتى ئۈچۈن كەنتلەرگە چۈشىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 352 نەپەر كادىرنى ئۇزىتىپ قويغان.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ جېنبياۋ ئۇزىتىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە «مەسچىتلەردىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇش قارارى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش پىرىنسىپى بويىچە ھازىرقى ۋەزىيەتنى توغرا تەھلىل قىلىپ تۇرۇپ چىقارغان قارارى...» دېگەن. ئۇ شۇنداقلا تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلاردىن «كەنتتە تۇرۇپ مەسچىت باشقۇرۇش خىزمىتىنى» ياخشى ئىشلەپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇش، دىننى زامانىۋى تۇرمۇشقا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى، دىنىي زاتلارنى ۋە ئېتىقادچى ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي بېسىم سىياسىتى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. يېقىندا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان بالىلار ئارقىلىق ئاتا-ئانىلىرىنىڭ دىنىي كەيپىياتىنى ئىگىلەش خىزمىتىمۇ خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. بىراق، يۇقىرىدىكى بۇ خەۋەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگە قاراتقان تەقىبىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.