راچىل خاررىس: «مەسچىتلەرنى چېقىش-خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قارشى ئۇرۇشىدىكى يېڭى تاكتىكىسى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.04.08

ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ جايلىشىش ۋە ئومۇملىشىش ئەھۋالىنى گوگۇل خەرىتىسى ئانالىزى ئارقىلىق ئاشكارىلاپ بەرگەن كانانادىكى خىتاي زىيالىيسى شاۋن جاڭ يېقىندا سۈنئىي ھەمراھىدىن تارتىلغان سۈرەتلەرگە ئاساسەن خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى 1000 يىلدىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مەسچىتنىڭ ھازىر سۈنئىي ھەمراھىدىن تارتىلغان سۈرەتلەردە يوقلۇقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

گەرچە مەزكۇر مەسچىتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېقىۋېتىلگەنلىكى تېخى باشقا مەنبەلەر، جۈملىدىن يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىجتىمائىي تور بەتلەردە بۇ مەسچىتنىڭ چېقىلغان بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى.

بۈگۈن يەنە، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتچىسى، دوكتور راچېل خاررىس خانىم «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىدە مۇشۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارىخى مەسچىتلەر ۋە جۈملىدىن پۈتكۈل بىر مەدەنىيەتنى ۋەيران قىلىشى ھەققىدە مەخسۇس توختالدى.

ئۇ ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېقىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان كېرىيە مەسچىتىنىڭ 1237-يىللىرى سېلىنغان تارىخى بىر مەسچىت ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىتلەرنىڭ خىتاينىڭ رايوندىكى مىللىي ۋە دىنى كىملىككە ھۇجۇم قىلىپ يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ نىشانى بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ ماقالىسى داۋامىدا، مانا بۇ سەۋەبلىك ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنى ۋە مىللىي بايلىقلارغا قارىتا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇمغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى، پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.