شائىر ۋە جامائەت ئەربابى ئابدۇسەمەت خېلىل ۋاپات بولغان

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاممىۋى تور بەتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مول-ھوسۇللۇق شائىر، يەكەن بوستانلىقىدىكى ئەلگە تونۇلغان جامائەت ئەربابى ئابدۇسەمەت خېلىل 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى يەكەندە 79 يېشىدا ۋاپات بولغان.

شائىر ئابدۇسەمەت خېلىل 1936-يىلى قاغىلىقنىڭ شەيخباغ يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ ھاياتىدا ئۇزۇن مەزگىل «يەكەن گېزىتى» دە تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇندىن باشقا، ئۇ يەنە يەكەن كۇتۇپخانىسى، يەكەن ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى ۋە يەكەن ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە خىزمەت ئىشلىگەن.

ئۇنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتى 1952-يىلىدىن باشلانغان. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، «زەرەپشان»، «ھايات سۆيگۈسى»، «سىرلىق مۇھەببەت»، «رۇبائىيلار» (ئىككى قىسىم)، «ھايات ئالبومى»، «ئاتا سۆزى»، قاتارلىق 14 پارچە شېئىر توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان.

مەرھۇمنىڭ ھاياتىدا يەنە يەكەن خەلق قوشاقلىرىنى توپلاپ نەشر قىلدۇرغانلىقى شۇنداقلا نۇرغۇن شېئىرىي ئەسەرلەرنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەنلىكى مەلۇم.