مەسئۇت ئۆزىل ئارسېنالنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-08-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گېرمانىيەلىك پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىل ئارسېنال پۇتبول كۇلۇبىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى سەۋەبلىك تەنقىد قىلغان.

ئارسېنال كۇلۇبىنىڭ داڭلىق توپچىسى مەسئۇت ئۆزىل 2019-يىلى دېكابىردا ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر، فېيسبۇك، ئىنستىگرام قاتارلىق تاراتقۇلاردىكى ھېسابى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمغا نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن شۇنداقلا مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. ئەينى چاغدا ئارسېنال كۇلۇبى دەرھال خىتايدىكى ۋېيبو تورىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ: «كۇلۇبنىڭ سىياسىي مەسىلىلەرگە ئارىلاشمايدىغانلىقىنى» تەكىتلىگەن.

ئەنگلىيەدىكى «قۇياش» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ سىياسەتكە ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئارسېنال كۇلۇبى بولسا ئامېرىكادىكى جورج فلويىدنىڭ ئۆلۈمى نەتىجىسىدە قوزغالغان «قارا تەنلىكلەرنىڭ ھاياتىمۇ قىممەتلىك» ھەرىكىتىنى قوللاپ ئىپادە بىلدۈرگەن.

مەسئۇت ئۆزىل ئارسېنالنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مۇشۇنداق ئىككى خىل ئۆلچىمىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ «قۇياش» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە: «مەن ئارسېنال كۇلۇبىغا نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدىم. شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇنداق ئىپادە بىلدۈرۈشى مېنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسەتكە ئارىلاشمايمدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىراق بۇ سىياسىي مەسىلە ئەمەس ئىدى. ئەمما ئۇلار باشقا مەسىلىلەرگە ئارىلاشتى،» دېگەن.

ئۇ «‹قارا تەنلىكلەرنىڭ ھاياتىمۇ قىممەتلىك› ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشقان ئارسېنال كۇلۇبىنىڭ ئوخشاش پوزىتسىيەنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈنمۇ كۆرسەتكەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى ئېيتىپ: «مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىمۇ قىممەتلىك، سىزنىڭ قايسى دىن ياكى رەڭ بولۇشىڭىز مۇھىم ئەمەس-مۇسۇلمان، خرىستىئان، يەھۇدىي، قارا، ئاق ياكى باشقا نەرسە بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، بىز ھەممىمىز ئوخشاش» دەپ ئەسكەرتكەن.

گېرمانىيە پۇقرالىقىدىكى تۈركلەردىن بولغان دۇنياغا داڭلىق پۇتبول چولپىنى، ئارسېنال پۇتبول كۇلۇبىنىڭ يۇقىرى باھالىق توپچىلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدىغان مەسئۇت ئۆزىل ئەينى چاغدا زۇلۇمغا نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن بۇ يوللانمىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىگە قارىتا خەلقئارالىق دىققەت قوزغىغان ساناقلىق داڭلىق شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئاددىي بىر مەسىلە بولۇپ قالماي، بەلكى ئۇنىڭ ئىنسانىي قىممەت بىلەن پۇل-بايلىق ئارىسىدا قىلغان ناھايىتى مۇھىم بىر تاللىشىدۇر، دەپ يۇقىرى باھا بەرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت