«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى خىتاينىڭ ئەيىبلەشلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ «بىز پاكىتنى ئاشكارىلىدۇق» دېدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.11.19

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى 16‏-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قاماش توغرىسىدىكى مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارىلاپ زور غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ، مەزكۇر گېزىتكە ھۇجۇم قىلماقتا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بولسا پاكىتنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ، «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنى «يالغان خەۋەر» تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىگەن.

خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۋاڭ 18-نويابىر كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى ئاشكارىلىغان ھۆججەتلەرنى ئىنكار قىلالمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنى «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى تىرىشچانلىقلىرىغا قارا سۈرتۈشكە ئۇرۇندى» دەپ ئەيىبلىگەنىدى. بىراق ئارقىدىن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» بۇ ھەقتىكى بايانات بېرىپ: «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلار پۈتۈنلەي ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەنلەر تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىلغان، يامان نىيەت يوشۇرۇنغان بىر يالغانچىلىق» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئەيىبلىگەن.

18-نويابىر كۈنى «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ باياناتچىسى دانىيال روئادېس بۇ ئەيىبلەشلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ تۆۋەندىكىلەر دېگەن: «بىزنىڭ بۇ خەۋىرىمىز خىتاينىڭ 400 بەتتىن ئارتۇق ئىچكى مەخپىي ھۆججىتىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ تارقىتىلغان. بۇ ھۆججەت بىزنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرى ھەققىدە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك پاكىتلار بىلەن تەمىنلىدى. بۇنداق ژورنالىستلىق جۈملىدىن ھەقىقەتنى ئىزدەش ۋە كىشىلەرنىڭ بۇ دۇنيانى چۈشىنىشىگە ياردەم قىلىش بىزنىڭ خىزمىتىمىزنىڭ ئەڭ نېگىزلىك نىشانىدۇر».

خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى»، «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» قاتارلىقلاردا بىردەك «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئائىت ئاشكارىلىغان مەخپىي ھۆججەتلىرىگە رەددىيە بېرىلگەن ۋە ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئىنكاسىمۇ تارقىتىلغان. ئەمما بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ بۇ تور بەتلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلى نۇسخىسىدىن ئورۇن ئالمىغانلىقى دىققەت قوزغىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.