خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا دائىر مەخپىي ھۆججەتلىرى زور تەسىر قوزغىدى

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسى باستۇرۇش ھەركىتىگە يوليورۇق سۈپىتىدە چىقىرىلغان بىر قىسىم «مۇتلەق مەخپىي» ھۆججەتلىرى يېقىندا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» گە تاپشۇرۇلغان بولۇپ، 300 بەتتىن ئارتۇق بۇ ھۆججەتلەردە خىتاي مەركىزي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر سىستېمىسى، مەجبۇرىي ئەمگەك، ياتاقلىق مەكتەپلەر، تۇغۇت كونتروللۇقى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى چەكلەش، بىڭتۇەننى جەنۇبقا كېڭەيتىش قاتارلىق بىرقاتار زور پىلانلىرى شەرھىيلەنگەن.

ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادريان زېنزنىڭ بۇ ھەقتىكى تىۋېتتېر ئۇچۇرلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ھۆججەتلەر 2014-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە «مۇتلەق مەخپىي» (10 يىل) دەپ تامغا ئۇرۇلغان. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى بولسا بۇ بۇيرۇق ۋە يوليورۇقلارنىڭ ئاشۇرۇپ ئورۇندالغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا ئىكەن.

بۇ ھۆججەتلەر ئاشكار بولغاندىن كېيىن ئالدىنقى تۈركۈمدىكى «مەخپىي ھۆججەت» لەرگە ئوخشاشلا خەلقئارا زور غۇلغۇلا قوزغىدى. «نيو-يورك ۋاقتى»، BBC ئاگېنتلىقى، «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» قاتارلىق دۇنياۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى بەس-بەستە بۇ توغرىسىدا ئوبزور ماقالىلىرى ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقتا باش قوماندانلىق رولىنى ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئەنگلىيەدىكى شېففېلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دېيۋىد تابىن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ ھۆججەتلەر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ قانداق بولۇپ شۇنچە كەڭ كۆلەمگە ئىگە بولۇشىدىكى كۆپلىگەن سىرلارنى ئېچىپ بەردى،» دەيدۇ.