خىتاينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى 24 بەتلىك مەخپىي ھۆججەتنى كىمنىڭ تەمىنلىگەنلىكى ئاشكارىلاندى
2019.12.09
يېقىندا ۋاشىنگتوندىكى «خەلقئارا تەكشۈرۈش ئاخباراتچىلىقى ئىنستىتۇتى» خىتاينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى 24 بەتلىك مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارىلاپ، دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان.
مەخپىي ھۆججەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ پەردازلاپ كېلىۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئېچىپ بېرىلگەن. بۇ ھۆججەتلەرنى «خەلقئارا تەكشۈرۈش ئاخباراتچىلىقى ئىنستىتۇتى» غا كىمنىڭ تەمىنلىگەنلىكى بىر سىر بولۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. لېكىن، گوللاندىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى ئاشكارىلىشىچە، لاگېرلار ھەققىدىكى 24 بەتلىك مەزكۇر ھۆججەتنى گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئاسىيا ئابدۇلەھەت خانىم تەمىنلىگەن ئىكەن. ئاسىيا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ھۆججەتنى بۇ يىل 6-ئايدا ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر كىشى ئۇنىڭغا يەتكۈزگەن. ئۇ بۇ ھۆججەتنى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلەشكەن گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئادرىئان زېنز بىلەن يەنە بىر مۇتەخەسسىسكە كۆرسەتكەن. ئۇلار ئاسىيەنى بىر مۇخبىرغا تونۇشتۇرغان. بۇ ھۆججەت 24-نويابىر كۈنى ئون نەچچە ئاخبارات ئورگىنى ۋە 70 تەك مۇخبىر تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغانىدى.
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، بۇ جەرياندا ئاسىيە ئابدۇلئەھەت خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ قاتتىق تەھدىتىگە ئۇچرىغان. ئۇ بىر قېتىم «ئەمدى بولدى قىلمىساڭ، جەسىتىڭنى پارچىلاپ، ئىشىك ئالدىڭدىكى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىمىز» دېگەن تەھدىت خېتى تاپشۇرۇۋالغان. ھەتتا بۇ يىل 9-ئاينىڭ باشلىرىدا خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئېرى جەسۇر ھەبىبۇللانى ئاپتونوم رايونلۇق سوتتا ئىشلەيدىغان بىر دوستى ئارقىلىق دۇبەيگە ئالداپ ئاپىرىپ سوراق قىلغان. سوراقتا، ئۇنىڭغا ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلاشمىسا ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان. لېكىن، ئاسىيە بىلەن جەسۇر بۇ تەھدىتكە باش ئەگمەي يەنىلا مەزكۇر ھۆججەتنى ئاشكارىلاشنى قارار قىلغان. ئاسىيا ئابدۇلەھەتنىڭ تاراتقۇلارغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ «پەقەت جاسارەت بىلەن ئالدىغا چىقىشلا ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى قارار قىلغان» ئىكەن.
ئاسىيا ئابدۇلەھەت 2009-يىلى گوللاندىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇ 6 ۋە 8 ياشلىق ئىككى پەرزەنتنىڭ ئانىسى.