خىتاي كاتىۋاشلىرى بېيدەيخېغا مەخپىي يىغىن ئۈچۈن يىغىلغان

خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى جۈمە كۈنى بېيدەيخېغا مەخپىي يىغىن ئېچىش ئۈچۈن يىغىلغان. ئامېرىكىدىن چىقىدىغان CNBC تورىدا خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىغىن خىتاينىڭ كەلگۈسى رەھبەرلىك قاتلىمىنى بېكىتىپ چىقىلىدىغان، خىتاينىڭ كېلەچىكى بەلگىلىنىدىغان يىغىن ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى مەزكۇر ئاخبارات ئورگىنىنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللارغا جاۋاب قايتۇرمىغان.

ئەمما، «جەنۇبىي سەھەر پوچىسى» گېزىتىنىڭ 6 - ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىغىننىڭ باشلىنىش ۋاقتىنى ئوچۇق - ئاشكارا ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، خىتاي سىياسىي بيۇروسى ئەزالىرىدىن ليۇ يۈنشەن بېيدەيخېدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن جۈمە كۈنى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچى ئالىملار بىلەن كۆرۈشكەن. بۇنى خىتاي كۆزەتكۈچىلىرى چوڭ يىغىننىڭ باشلىنىشى، دەپ پەرەز قىلىشقان.

ليۇ يۈنشەن ئاچقان يىغىنغا جەمئىي 56 مۇتەخەسسىس چاقىرىلغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ما كەي، پارتىيە تەشكىلات بۆلۈمى باشلىقى جاۋ لېجى قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بېيدەيخېغا دۈشەنبە كۈنىدىن بۇيان بىر - بىرلەپ يېتىپ كېلىشكە باشلىغان.

CNBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي تەتقىقاتچىسى دۇنكان رىگلېي بۇ قېتىمقى يىغىندا كەلگۈسى ئەۋلاد خىتاي رەھبەرلىرى بەلگىلەنمىسىمۇ، ئەمما شى جىنپىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، بۇ يىغىندا يەنە خىتاي سىياسىي بيۇروسىدىكى يەتتە نەپەر ئەمەلدارنىڭ تۆت، بەشى پېنسىيىگە چىقىدىغانلىقى، يەنە كۆپلىگەن يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت، ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان.

خىتاي ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى 1953 - يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى بىر قېتىم بېيدەيخېدا يىغىلىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.