ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن مەخسۇس سەھىپە ئېچىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.09.04

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆز تور بېتىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا بېغىشلانغان مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىلدى. «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» دەپ ئاتالغان بۇ سەھىپە ئىنگلىزچە، رۇسچە، ئەرەبچە ۋە خىتايچىدىن ئىبارەت تۆت خىل تىلدا تەسىس قىلىنغان.

ئۇنىڭدا «شىنجاڭدا نېمە بولۇۋاتىدۇ»، «مەجبۇرىي ئەمگەك»، «مەجبۇرىي نوپۇس كونترول قىلىش»، «دىنى ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىش»، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيونىڭ بايانلىرى» قاتارلىق مەخسۇس تېمىلار بويىچە ئايرىم بەتلەر تەسىس قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى سىستېمىلىق ھالدا چۈشەندۈرۈپ بېرىلگەن.

بۇ سەھىپىدە يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ بۈگۈنگىچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەرگەن بارلىق باياناتلىرى، تېلېۋىزىيە زىيارەتلىرى شۇنداقلا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمغا ئالاقىدار ئېلان قىلىنغان بارلىق جازا تەدبىرلىرى، ۋىزا چەكلىمىسى ۋە ئالاقىدار قانۇن-تۈزۈملەر بىرمۇ-بىر تىزىپ چىقىلغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بېغىشلانغان 4 تىللىق بۇنداق سەھىپە تەسىس قىلىشى ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بېرىۋاتقان زور ئەھمىيىتىنى نامايان قىلىدۇ، دەپ قارىماقتا.

مەزكۇر سەھىپىنى بۇ ئادرېستىن زىيارەت قىلالايسىز: https://www.state.gov/ccpabuses

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.