خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 21-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ 2015-يىلى مىسىردا تۇغۇلغان 3 كېزەك بوۋىقى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاپ بارغاندا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە تۈرمىگە قامىلىپ، ئېغىر تەن جازاسى ھەمدە خورلاشقا ئۇچرىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. بۇ ئۆتكەن قېتىم خىتايدا چىقىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ئامېرىكىدا بەرگەن لاگېرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىقىغا ئىنكاس قايتۇرغاندىن بۇيان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىرىنچى قېتىم مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ئېيتقانلىرىغا ئىنكاس بىلدۈرۈشىدۇر.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ 2017-يىلى 21-ئاپرېل كۈنى چەرچەندە «مىللىي ئۆچمەنلىك» ۋە «مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، لېكىن ئۇنىڭ پەقەت 20 كۈنلا تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى، ئۇنىڭ 10-ماي كۈنى كېسەل سەۋەبلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خۇا چۈنيىڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىنىڭ ھېچ بىرى توغرا ئەمەس ئىكەن. خۇا چۈنيىڭ يۇقىرىقى ئىنكاسنى ئامېرىكا س ن ن تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مېھرىگۈل تۇرسۇن ھەققىدە ئىشلىگەن بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا تەكىتلىگەن.
2015-يىلى مىسىردا تۇغۇلغان 3 كېزەك بوۋىقىنى ئېلىپ، چەرچەندىكى ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن يولغا چىققان مېھرىگۈل تۇرسۇن ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا قونغاندا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ 2018-يىلى 4-ئايدا مىسىرغا كېتىشكە يول قويۇلغۇچە بولغان 3 يىل جەريانىدا بىرقانچە قېتىم تۇتقۇن قىلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تۇتقۇندا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئېغىر جىسمانىي تەن جازاسى ۋە روھىي خورلىشىغا ئۇچراپ، «ئۆلۈۋېلىشنى ئارزۇ قىلغۇدەك دەرىجىگە» بېرىپ يەتكەن. ئۇ ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ 3 كېزەك بوۋىقىنىڭ بىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان. لېكىن خۇا چۈنيىڭ مېھرىگۈلنىڭ خىتايدا پەقەت ئىككى بالىسىنى تىزىمغا ئالدۇرغانلىقى، ئۇنىڭ يەنە بىر بالىسىنى 2016-يىلى 1-ئايدا تۈركىيەگە چىقىپ، يولدىشىنىڭ تۇغقانلىرىغا بېرىۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما مېھرىگۈلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۈرۈمچىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ۋاقتىدا دائىرىلەر ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا 3 كېرەك بالىسىدىن بىرىنىڭ جەسىتىنى بەرگەن.
