خىتاي ھۆكۈمىتى مايك گاللاگېرغا جازا ئېلان قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.05.21

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ سابىق رەئىسى مايك گاللاگېر (Mike Gallagher) 21-مايدا يەنە بىر قېتىم ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى. شۇ كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئۇنىڭغا قارشى جازا ھەرقايسى ساھەنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى.

«NBC خەۋەرلىرى» نىڭ شۇ كۈندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مايك گاللاگېر 2024-يىلى ئاپرېلدا ئۆزىنىڭ رەئىسلىك خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن بولۇپ، بۇ جازانىڭ ئەمدىلىكتە ئېلان قىلىنىشى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. مايك گاللاگېر ھەققىدىكى جازا توغرىسىدا سۆز قىلغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇنى «بىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشقانلىقى ئۈچۈن بىز بۇ جازانى ئېلان قىلدۇق» دەپ ئەيىبلىگەن. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ خىتايغا بېرىشى مەنئىي قىلىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭ خىتايدىكى مال-مۈلكى بايقالسا، ئۇنى توڭلىتىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك خىتايدىكى ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شىركەتنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سودا ئالاقىسىدا بولۇشى چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گاللاگېر يىللاردىن بۇيان خىتاينى ئەڭ كەسكىن تەنقىدلەپ كەلگەن سىياسىيونلارنىڭ بىرى بولۇپ، تەيۋەننى قوللاشتا ئىزچىل ئاكتىپ بولۇپ كەلگەن. 2024-يىلى فېۋرالدا ئۇ تەيۋەندىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا سەي يىڭۋېن، لەي چىڭدې قاتارلىق تەيۋەن رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەن ھەمدە «خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەربىي جەھەتتە تەيۋەنگە ياردەم بېرىشى لازىم» دەپ كۆرسەتكەن.

رويتېرسنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 20-ماي كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندى ئاشكارا ھالدا تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدېنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى تەبرىكلىگەن. لەي چىڭدې بولسا قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا خىتاينىڭ ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىنى تەنقىدلىگەن ھەمدە «خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ مەۋجۇتلۇقىغا يۈزلىنىپ، تەيۋەن خەلقىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىشى، سۆھبەتنى توقۇنۇشنىڭ ئۈستىگە قويۇشى لازىم» دېگەن. شۇنىڭدەك تەيۋەندىكى دېموكراتىيەنىڭ تەھدىتكە دۇچ كەلگەندە جەزمەن قوغدىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.