خىتاي ئەمەلدار خىتايدىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي يۆنىلىشى مىللەتلەرنىڭ «قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» دەپ كۆرسەتتى

خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ ۋېيچۈن خىتايدىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي يۆنىلىشىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىتايلار بىلەن «قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«خەلق تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، جۇ ۋېيچۈن بۇ سۆزنى بېيجىڭدىكى ئىككى يىغىن داۋامىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دېگەن بولۇپ، ئۇ «‹ئارىلاشتۇرۇش› خىزمىتى مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىدۇ» دېگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە مۇنداق دېگەن: «مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشىغا ۋاقىت كېتىدۇ... مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چوقۇم ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تىزلىتىش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى سىرتلارغا بېرىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نوپۇس تۈزۈمى جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر-خىتاي ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىشنى، ئۆز-ئارا تويلىشىشنى ئوچۇق-ئاشكارا تەشەببۇس قىلىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش بىلەن بىرگە، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېشىنچا ئەمگەكچى نامىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى يۆتكەشنىمۇ كۈچەيتكەن.

خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسەتلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

دەرۋەقە، جۇ ۋېيچۈن سۆزىدە شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا مىللەتلەرنى «ئارىلاشتۇرۇش خىزمىتى» دە ئوخشىمىغان سىناقلار ئېلىپ بېرىلىپ، ياخشى ئۈنۈم ۋە باھاغا ئېرىشكەنلىكىنى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەربىي رايوننى ئېچىش ۋە «بىر بەلۋاغ، بىر يول» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، غەربىي رايوندىكى نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى سىرتلارغا بارغانلىقىنى، ئوتتۇرا ۋە شەرقىي رايونلاردىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ غەربىي رايونغا بارغانلىقىنى بايان قىلغان.