ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر شىمالدىكى 6 ناھىيەدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش» بويىچە چوڭ تىپتىكى لېكسىيە پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش» بويىچە مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى تەشكىللەپ، شىمالدىكى 6 ناھىيەگە ئەۋەتكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلىرى» ژۇرنىلى قازاق تەھرىر بۆلۈمىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى ياسىن قۇمار، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې پىڭ، پارتىيە مەكتىپى مىللەت ۋە دىن نەزەرىيەسى كافېدراسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەرشىدىن ھەمدۇللا ۋە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى تۇرغۇن تۇرسۇن قاتارلىق كىشىلەر شىمالدىكى 6 ناھىيەگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلەيدىكەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» بويىچە سۆزلەيدىغان لېكسىيەلىرىدە «ئۈچ ئايرىلالماسلىق»، «تۆتنى تونۇش» ھەمدە «مەن شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئوغۇل بالىسى» دېگەندەك سىياسىي شوئار-چاقىرىقلار ئاساسلىق تۈردە تەشۋىق قىلىنىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسىي تەشۋىقاتلارنىڭ قازاقلار نۇقتىلىق ئولتۇراقلاشقان شىمالدىكى ناھىيەلەرگە قارىتىلغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا.