دائىرىلەر ئۈرۈمچىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق قورۇلىرى» نى ئۇيغۇر دىيارىدا ئومۇملاشتۇرماقچى
2017.05.09
9-ماي كۈنى ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئۈرۈمچىدە 480 جايدا مىللىي ئىتتىپاقلىق قورۇلىرى قۇرۇلدى» سەرلەۋھىلىك تەپسىلىي خەۋەردە، بۇ يىل 4-ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆپ مىللەت ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان 480 ئاھالىلەر نۇقتىسىغا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قورۇسى» دەپ نام بېرىلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
مەزكۇر خەۋەردە كەلگۈسى ئۈچ يىللىق پىلاندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيىلەردە بۇ خىل قورۇلار كۆپەيتىلىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ھويلىلىرى قاپلايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
خەۋەردە يەنە، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان ئىناق، خاتىرجەم ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەنلىكى مەدھىيىلەنگەن.
2009-يىلى ياز پەسلىدە ئۈرۈمچىدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇشقا ئۇچرىغان «5-ئىيۇل ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى» ۋە 7-سېنتەبىر كۈنلىرىگىچە داۋام قىلغان «خىتايلارنىڭ توقماق كۆتۈرۈپ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى» دىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلارنىڭ بۆلۈنۈش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.
ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇندىن باشلاپ، خىتايلارنىڭ شەھەرنىڭ شىمالىدىكى يېڭىشەھەر رايونىغا كۆچۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى تەڭرىتاغ رايونى يەنى ئۈرۈمچى كونا شەھەر رايونىغا كۆچۈش دولقۇنى قوزغالغان. ئەينى چاغدا يەنە، خىتايلار ئۆزلىرى ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى «ئازاد رايون» دەپ ئاتاشقان بولسا، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئولتۇراقلاشقان رايوننى «پەلەستىننىڭ غەززە رايونى» غا ئوخشاتقان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى.