ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەتىل مەزگىلىدە ئىدىيىۋى-سىياسىي تەشۋىقات ئاڭلاش ۋە سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان. شىنخۇا تورىدىن بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، « يۈزلەپ يۈزلەپ ئون مىڭلاپ» دەپ نام بېرىلگەن بۇ تەشۋىقات ھەرىكىتى بويىچە ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆيمۇ-ئۆي زىيارەت قىلىپ، پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە مائارىپ سىياسىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتىنى قىلىدىكەن.
پىلانغا ئاساسەن يەنە، تەتىل مەزگىلىدە يۈزلىگەن شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى لېكسىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. «شىنجاڭ سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ ئۆز يۇرتلىرىدا تەشۋىقات سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملىق تۈردە، تۈرلۈك ناملار ئاستىدا سىياسىي تەشۋىقات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلدى. ياش ئۆسمۈرلەر بولسا ئۇلارنىڭ ئاساسلىق نىشانى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئاپىرىپ ئوقۇتۇشنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش شارائىتلىرىنى ياخشىلىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلەپ كەلگەن. بىراق، بۇنى ئاز دەپ بۇ بالىلارنىڭ تەتىل مەزگىلىدىمۇ سىياسىي تەشۋىقاتقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى نارازىلىق پەيدا قىلدى.
تەتىل بولغاندىن بېرى، ئىچكىرىدىكى 60 تىن ئوشۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 700 ئارتۇق ئوقۇتقۇچىسى ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن ۋە مەزكۇر ھەرىكەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە قانات يايدۇرۇلغان. 14-ئىيۇل كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك 9-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 8 نەپەر ئوقۇتقۇچىسىنىڭ لوپ ناھىيىسىدە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.