خىتاي ھۆكۈمىتى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نى «ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى» دەپ ئاتىغان
2024.04.17
«شىنجاڭ گېزىتى» 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلغان ئوبزوردا، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئاساسى» دېيىلگەن.
ئاپتونوم رايونلۇق 10-پارتىيە كومىتېتىنىڭ 11-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىغا بېغىشلانغان بۇ ئوبزوردا ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش ۋە مۇستەھكەملەشنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مىللىي بىرلىكى ، ئىلگىرىلىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي مەسىلە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئاچقان 13-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىدا «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» بەرپا قىلىش توغرۇلۇق قارار ماقۇللىنىپ، تارىخ، ئارخېئولوگىيە، مەدەنىيەت ۋە باشقا تۈرلۈك ساھەلەردە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى پۇقرالار مېڭىسىگە قۇيۇش تەلەپ قىلىنغانىدى.
شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» دېگەن بۇ تەشەببۇس خىتايدىكى بارلىق مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئاسسىمىلياتسىيە پىلانى بولۇپ، ئەشەددىي خىتاي مىللەتچىلىكى تۈسىنى ئالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ تەشەببۇس ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە ئايلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنىپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ يەنە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەندەك ناملار ئاستىدا مۇستەملىكە ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ كەلگەنلىكى، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇشنى تېزلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئادرىيان زېنز قاتارلىق تەتقىقاتچىلار بۇنى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.