خىتاي 5-نۆۋەتلىك غەربىي شىمال مىللەتلەر مۇھاكىمە مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.07.04

شىنجاڭ ياۋرو-ئاسىيا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 7-ئاينىڭ 3-كۈنى خىتاي 5-نۆۋەتلىك غەربىي شىمال مىللەتلەر مۇھاكىمە مۇنبىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

مەزكۇر مۇھاكىمە مۇنبىرىگە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ غەربىي شىمال مىللەتلەر تەتقىقات بازىسى، غەربىي دىيار مەدەنىيەت تەتقىقات ئىنستىتۇتى ۋە ماركسىزم ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ساھىبخانىلىق قىلغان.

يىغىندا خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان خىتاي مۇتەخەسسىسلەر مىللەت، دىن، مەدەنىيەت، تارىخ، ئىقتىساد ۋە باشقا ساھەلەر بويىچە مەخسۇس دوكلات بەرگەن. ئۇلار يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى بويىچە ئۆزلىرىنىڭ بىر قىسىم تەكلىپلىرىنى بەرگەن.

«تەڭرىتاغ ئالىمى» دېگەن قالپاق بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەكلىپ قىلىنغان پەن جىپىڭ مەزكۇر مۇنبەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەت، دىن مەسىلىلىرى ۋە ئاتالمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» تېمىسى بويىچە دوكلات بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي دەرىجىلىك ئىلمىي ئورۇنلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان سىياسىي ئىستراتېگىيەسىگە يېقىندىن ماسلىشىپ، «مۇقىملىق»، «قوش تىللىق مائارىپ»، «مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك» قاتارلىق سىياسىي تېمىلار بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەتقىقاتلارنى كۈچەيتمەكتىكەن. پەن جىپىڭ، ما داجېڭ قاتارلىق خىتاي تەتقىقاتچىلار ۋاڭ لېچۈەن ھوقۇق يۈرگۈزگەن دەۋردىن بۇيان رايوندا ھۆكۈمەتنىڭ زور تەتقىقات مەبلىغىگە ئېرىشكەن كىشىلەردىن بولۇپ قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.