ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا «مىللەتلەر قەلبداش بولۇش» تەكىتلەنگەن
2023.05.31
«تەڭرىتاغ تورى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 29-كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىن چاقىرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش، مىللەتلەرنى ئۆزئارا قەلبداش بولۇشقا ۋە بىر-بىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇشقا تەشەببۇس قىلىشنى مۇھاكىمە قىلغان.
بۇ يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» دېگەن شوئارى قايتا تەكىتلەنگەن بولۇپ، «ھەر مىللەت جاپا ۋە ھالاۋەتتىمۇ، شەرەپ ۋە نومۇستىمۇ، ھايات ۋە ماماتتىمۇ بىرگە بولۇش» دېگەننى تەشەببۇس قىلغان؛ بۇنىڭ ئۈچۈن تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «دويىن» قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھەر مىللەتكە ھېس قىلدۇرۇش تەكلىپى بېرىلگەن.
نۆۋەتتە خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتى ھۆكۈمەت، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنلىرىدا داۋاملىق تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق ئىدارە- ئورگانلار، مەكتەپلەر، تەشۋىقات بۆلۈملىرى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار شى جىنپىڭنىڭ «بارچە مىللەتلەر بىر گەۋدىگە ئايلىنىش» ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلماقتا ئىكەن.
ئامېرىكادىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى» دېگەننىڭ ئەمەلىيەتتە «خىتايغا قوشۇلۇپ كېتىش» ئىكەنلىكىنى، 56 مىللەت ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ بىرلا خىتايغا ئايلانغاندا، ئۇلارنى باشقۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئاسان بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.