ئۇيغۇر رايونى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نىزامى» ئېلان قىلىپ، كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇشنى تەكىتلىدى
2016.01.15
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئالغا سۈرۈش خىزمەت نىزامى» ئېلان قىلىپ، كادىرلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش جەھەتتىكى ئىپادىسىنى ئۇلارنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىپ بېكىتكەن.
مەزكۇر نىزامدا يەنە، مەكتەپلەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مائارىپىنى يولغا قويۇش تەلەپ قىلىنىپ، دىنىي ئېتىقاد ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە بەزى قاتتىق چەكلىمىلەر قويۇلغان.
نىزامدا، «دىننىڭ جەمئىيەت، خىزمەت ۋە تۇرمۇش تەرتىپىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا، دۆلەتنىڭ مەمۇرى، ئەدلىيە، مائارىپ، مەدەنىيەت، نىكاھ، پىلانلىق تۇغۇت ۋە مىراس ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا بولمايدۇ» دېيىلگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كىشىلەرنى دىنى، مىللىتى، تۇرقىغا قاراپ كەمسىتىشكە چەكلىمە قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخس جۇغراپىيىلىك، مىللىي، دىنىي ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىق پەرقلەر سەۋەبلىك باشقىلارنى كەمسىتىشكە، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق پەيدا قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن.
«مېھمانخانا، رېستوران، پويىز ئىستانسىسى، ئاپتوبۇس بېكىتى، ئايرودروم، سودا سارىيىغا ئوخشاش ئاممىۋى سورۇنلار بارلىق مىللەتلەرگە بىردەك ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشى كېرەك» لىكىنى تەكىتلىگەن.
مەزكۇر نىزام 1-يانۋار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرغان.
مەزكۇر نىزام خىتاي ئاخباراتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رايوندا «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزامى» چىقىرىشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بىر كۈندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.
مەزكۇر نىزام، خەلقئارا ئاخبارات خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەدەنىيەت، دىنىي، پىكىر ئەركىنلىكىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەندىشىسىنى قوزغاۋاتقان مەزگىلدە چىقىرىلدى.









