«خىتاي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى»نىڭ يېقىندا ئىنگلىزچە ۋە خىتايچە يېزىقلاردا تارقاتقان بىر ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى دۇنيا مىقياسىدىكى نارازىلىققا سەۋەب بولغان ھەمدە خەلقئارادىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردىن كەڭ يەر ئالغان.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا ئەنگلىيەگە ساياھەتكە بارىدىغان خىتاي پۇقرالىرى لوندوندىكى ھىندىلار، پاكىستانلىقلار ۋە قارا تەنلىكلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا بېرىشتا ئېھتىيات قىلىشقا دەۋەت قىلىنغان. بەزىلەر مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ فوتو نۇسخىسىنى لوندوننىڭ پاكىستانلىقلار ئەۋلادىدىن بولغان شەھەر باشلىقى سادىق خانغا ئەۋەتىپ بەرگەن.
مەزكۇر ئۇقتۇرۇش ھەققىدىكى رەسىملىك خەۋەر ئەڭ دەسلەپ بېسىلغان «لوندون كەچلىك خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيەلىك سىياسىيونلارنىڭ بەزىلىرى بۇنىڭدىن ناھايىتى خاپا بولغان ھەمدە خىتاي تەرەپنىڭ بۇ خىلدىكى ئاشكارا ئىرقىي كەمسىتىش قىلمىشى ئۈچۈن ئۆزلىرىدىن ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن بەزىلەر لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۆزلىرىدىن ئەپۇ سوراشنى تەلەپ قىلغان. پارلامېنت ئەزالىرىدىن ۋىرېندرا شارما بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇ ئىنسانلارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئاشكارا ئىرقىي كەمسىتىش مەزمۇنىدىكى قۇرلارغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى بىز ھەرقانچە قىلىپمۇ چۈشىنەلمىدۇق. شۇڭا مەن دەرھال خىتاي ئەلچىسىگە نارازىلىق بىلدۈردۈم» دېگەن.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى چىقارغان «خىتاي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى» ھازىرغا قەدەر بۇ ھەقتىكى ھېچقانداق سوئاللارغا جاۋاب بەرمىگەن.
