خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىگە ئۆلچەم بېكىتمەكچى بولۇشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-05-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىگە قارىتا ئۆلچەم بېكىتمەكچى بولغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

يېقىندا تەڭرىتاغ تورى بىر خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى باشلىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىزمەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت ۋە تېخنىكا تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا ۋە ئۆز ئالدىغا قارار بېرىش ھوقۇقىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، دەپ تەنقىد قىلدى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» دېگەن باھانە بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكىنى قاتتىق قامال ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقىنى ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ئىلگىرىمۇ «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» دېگەندەك ناملار ئاستىدا مىللىي ۋە دىنى ئىرادىسى بويىچە كىيىنگەن ئاياللارنى زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلاندۇرىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت