ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋىلايەتلەرنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى مىللىي نىسبەتنىڭ ئۆزگىرىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-11-06
Share

مەلۇم بولۇشىچە، ۋىلايەت دەرىجىلىك مەمۇرىي بىرلىك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە ئاپتونوم ئوبلاست ياكى ئاپتونوم ناھىيە تەسىس قىلغان.

1984-يىلى ماقۇللانغان «مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» دا ئاپتونوم رايونلاردا ۋىلايەت، ناھىيە ۋە يېزا دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرىنچى قول باشلىقلىرىنىڭ يەرلىك ئاپتونومىيەنى يۈرگۈزگۈچى مىللەتتىن بولىدىغانلىقى، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا مىللىي كادىرلار نىسبىتىنىڭ %50 تىن تۆۋەن بولماسلىقى بەلگىلەنگەن.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزى تۈزگەن ئاتالمىش «ئاپتونومىيە قانۇنى» غا ئۆزى خىلاپلىق قىلىپ، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەتلەردە ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئازايتقان ۋە خىتايلاشتۇرغان.

خوتەن ۋىلايەتلىك مېمۇرىي مەھكىمىنىڭ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ۋىلايەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %95 تىن كۆپرەك قىسمىنى ئىلگىلىسىمۇ، ئەمما خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ نۆۋەتتىكى 1 نەپەر باش ۋالى ۋە 11 نەپەر مۇئاۋىن ۋالىيسى ئىچىدە پەقەتلا 4 نەپىرىلا ئۇيغۇر بولۇپ، قالغان 8 نەپىرى خىتايلاردىن ئىكەن.

بۇ ھال مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بىلەن سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت