مىسىر يولۇچىلار ئايروپىلانى پاچاقلىنىپ كەتتى
2016.05.19
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارىژدىن قاھىرەگە ئۇچقان 804-قېتىملىق مىسىر يولۇچىلار ئايروپىلانى شۇ جاي ۋاقتى 19-ماي سەھەردە ئوتتۇرا دېڭىزدىكى گىرېتسىيەگە يېقىن جايدا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن. ئايروپىلاندىكى 56 يولۇچى، 10 ئايروپىلان خىزمەتچىسىدىن ھېچكىم ھايات قالمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئايروپىلان A320 Airbus تىپلىق ئايروپىلان بولۇپ، نورمالدا 150 يولۇچى ئولتۇرالايدىكەن. ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئايروپىلان مۇساپە يېرىملاشقاندا يەرلىك ۋاقىت سەھەر سائەت 2:45 تە تۇيۇقسىز راداردىن غايىب بولغان. كېيىن ئۇنىڭ دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئېنىقلانغان.
مىسىر خەلق ئاۋىئاتسىيە قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى شەرىف فەتھى ۋەقەنىڭ جىددىي تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، «ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشىدە تېخنىكىلىق كاشىلىدىن كۆرە تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ مۇمكىنچىلىكى چوڭراق سالماقنى ئىگىلەيدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. رۇسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى ئالېكساندېر بورتنىكوۋمۇ «قايسىلا جەھەتتىن قارىساق، بۇ ۋەقە بىر قېتىملىق تېررورلۇق ۋەقەسىگە ئوخشايدۇ» دېگەن.
ئەمما، ھازىرچە ھېچقانداق بىر تەشكىلات مەزكۇر ۋەقەگە جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك قىياسلار خەلقئارا مەتبۇئاتتا كەڭ يەر ئالماقتا.









