ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار مىسىردا غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە نارازىلىق خېتى تاپشۇردى
2018.05.04
ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار 4-ماي كۈنى مىسىرنىڭ كانبېررادىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، مىسىر دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى توختىتىشقا چاقىردى.
مىسىر ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن 2017-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، نۇرغۇن كىشىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى، بەزىلىرىنىڭ ئىز -دېرەكسىز يوقالغانلىقى ياكى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا سولانغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
نامايىشچىلار جۈمە كۈنى يەنە مىسىر ئەلچىخانىسىغا ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى نامىدىن نارازىلىق خېتى تاپشۇرۇپ، مىسىرنىڭ ب د ت مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلىشىنى، ئۇيغۇرلارنى ئۇلار جازالىنىدىغان ياكى تەن جازاسىغا ئۇچرايدىغان دۆلەتلەرگە قايتۇرماسلىقنى، ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ۋە مىسىر تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان.
نارازىلىق خېتىدە، «مىسىر دائىرىلىرىنىڭ بۇ كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىدا خىتاينىڭ جىنايىتىگە ئورتاقلىشىشى پەسكەشلىك، خەلقئارا قانۇنلارغا رىئايە قىلماسلىق ۋە ئەخلاقسىزلىق. بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ئىزتىراپ چېكىشىگە سەۋەب بولدى» دېيىلگەن.
نارازىلىق خېتىدە يەنە، مىسىر دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلى مىسىردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قاماقخانىدا ئۆلگەنلىكى ياكى «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا ئەۋەتىلىپ، جازالانغانلىقى ھەم تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
يېقىنقى خەۋەرلەردە مىسىر دائىرىلىرىنىڭ قېلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى، يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا ياشاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نارازىلىق خېتىدە، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سالماي، يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان.