خىتاي ھۆكۈمىتى مىسىردا «شىنجاڭ ياخشى جاي» تور تەشۋىقات پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان
2021.07.02
خىتاي ھۆكۈمىتى يىېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە مىسىردا «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق بىر تور يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان.
خىتاينىڭ تەڭرىـتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، 30-ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ تەشۋىقات يىغىنىنى ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە خىتاينىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن، يىغىندا ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ۋە بىر قىسىم دىنىي زاتلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاتالمىش مۇقىم ۋەزىيىتى، تەرەققىياتى ۋە دىنىي ئىناقلىق ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلغان.
ئۇندىن سىرت يەنە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شۆجۈن ئامېرىكا ۋە غەربنى ئەيىبلەپ «ھازىر، دۇنيادىكى چۈشىنىشلىك كىشىلەر بارغانسېرى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك يالغانچىلىقلارنى ئامېرىكا ۋە غەربتىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئويدۇرۇپ چىققانلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ قەبىھ مۇددىئاسى مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇرلارغا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنى باشلىغاندا مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە ماسلىشىشى بىلەن مىسىردا ئوقۇۋاتقان ۋە ياشاۋاتقان يۈزلەرچە ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىز-دېرىكى يوق. مىسىر ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى ب د ت قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگانلاردا قوللاپ كەلمەكتە.
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، يىغىنغا مىسىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، مۇخبىرلار ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارمۇ بىر ئېغىزدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتىنى، ئۇ يەردىكى «بەختىيار» ھاياتنى ماختاشقان.
خىتاينىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لياۋ لياڭياڭ بولسا مىسىرلىقلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كېلىشكە دەۋەت قىلغان.