ماسساچۇستېس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (MIT) خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش تېخنىكىسىغا ياردەم بەرگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2023.08.09

ئامېرىكانىڭ دۇنياغا داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان ماسساچۇستېس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (MIT) خىتاينىڭ پۇلىنى خەجلەپ، كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىپ-نازارەت قىلىش تېخنىكىسىغا ياردەم قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

8-ئاۋغۇست كۈنى «ۋاشىنگتون ئەركىنلىك تۇراسى» (The Washington Free Beacon) تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەردە، «ماسساچۇستېس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىككى قېتىم جازا چەكلىمىسى قويۇلغان خىتاي شىركىتىنىڭ ياردىمىنى ئېلىپ، چىراي تونۇش تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئېلىپ بارغان» دېيىلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ چىراي تونۇش تېخنىكا شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان شاڭتاڭ(SenseTime) 2018-يىل ماسساچۇستېس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا مەخپىي پۇل ئىئانە قىلغان. بۇ پۇلنىڭ ياردىمى بىلەن يېزىلغان 22 پارچە ماقالىنىڭ 20 سى چىراي تونۇش تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك «نېرۋا تورى» غا ئالاقىدار ئىكەن.

2019-يىل «نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» شاڭتاڭ شىركىتىنىڭ چىراي تونۇش تېخنىكىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىپ-نازارەت قىلىشقا ئىشلىتىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن بولۇپ، شۇ يىلى ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ شىركەتنى قارا تىزىملىككە ئالغان، 2021-يىلى بايدىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ بۇ شىركەتكە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىگەنىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شاڭتاڭ شىركىتى 2019-يىل قارا تىزىملىككە ئېلىنغاندىن تارتىپ 2021-يىل جازا چەكلىمىسى قويۇلغىچە، ماسساچۇستېس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇ شىركەتنىڭ پۇلى بىلەن تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ھەربىي تەرەپ تاپشۇرغان تەتقىقات تۈرلىرىگە مەسئۇل جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىككى نەپەر تەتقىقاتچىسىمۇ مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا تەتقىقات ئېلىپ بارغان ھەمدە «سۈنئىي نېرۋا تورى» ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.