خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2020-يىلى سېنتەبىر ئېيىدىن باشلاپ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تىل-ئەدەبىيات، سىياسەت ۋە تارىخ دەرسلىرىدە موڭغۇل تىلىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىش ھەمدە بۇ دەرسلەرنى خىتايچە تىلدا ئۆتۈش قارارى چەتئەللەردىكى موڭغۇل جامائىتنىنىڭ كەسكىن تەنقىدىگە دۇچ كەلدى.
«نيو يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 31-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قارارغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نيو يوركتىكى «جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. نامايىشتا ئۇلار «بىزنىڭ ئانا تىلىمىز موڭغۇل تىلى!»، «بىزنىڭ موڭغۇل تىلىدىن باشقا كىملىكىمىز يوق!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئېنگېباتۇ توگوچوگ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىز سىياسىي جەھەتتىكى بارلىق ئاپتونومىيە ھەقلىرىمىزنى يوقاتتۇق. ئەمدى بىزنىڭ تىلدىن باشقا نېمىمىز قالدى؟» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بارلىق باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتايچە دەرسلەرنى سەپلىگەنىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە «بىز قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى ئىجرا قىلىۋاتىمىز» دەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا خىتاينىڭ قەدىمكى زاماندىكى كوڭزىچە دەستۇرلىرىنى يادلاش، كوڭزىچە ۋە قەدىمى خىتاي ئۇسلۇبىدا كىيىنىشنى قوللانغانىدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ بەزى ئانالىزچىلار بۇ ھالنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇر تىلىنى چەكلىىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ تەنقىدلىگەنىدى. ئەمدىلىكتە بۇ ھالنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا كۆرۈلۈشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەدبىرلىرىنىڭ ماھىيىتىنى تېخىمۇ ئاشكارىلىدى.