خىتاي دائىرىلىرى 39 نەپەر موڭغۇل چارۋىچىنى تۇتقۇن قىلغان

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى نارازىلىق نامايىشى قىلغان 39 موڭغۇل چارۋىچىنى تۇتقۇن قىلغان.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۈشەنبە كۈنى 100 ئەتراپىدا موڭغۇل چارۋىچى ئىچكى موڭغۇلنىڭ باياننۇر شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىغا يىغىلىپ، تارتىۋېلىنغان يايلاقلىرىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى، يايلاقلاردا كان ئېچىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار چارۋىچىلارنى توك كالتەكلەر بىلەن ئۇرۇپ تارقىتىشقا ئۇرۇنغان ۋە ئۇلارنىڭ 39 نەپىرىنى تۇتقۇن قىلغان.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھازىر ئىچكى موڭغۇل كان يايلاقلىرىدا كەڭ كۆلەمدە كان قېزىشى ۋە خىتاي كان ئىشچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى سەۋەبىدىن ئىچكى موڭغۇل يايلاقلىرى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. بۇنىڭدىن سىرت، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ موڭغۇل چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلىشىشقا مەجبۇرلىشىمۇ ئۇلارنى نارازى قىلىۋاتقان يەنە بىر ئامىل ئىكەن.

بۇ موڭغۇل چارۋىچىلار ئۆتكەن ھەپتە ئىچكى موڭغۇلنىڭ مەركىزى كۆكخوت شەھىرىدىمۇ نامايىش قىلغان. ئۇلار «يەر تارتىۋېلىش توختىتىلسۇن، خىتاي كانچىلار ۋە دېھقانلار يايلاقلىرىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن» دەپ شوئار توۋلىغان. نامايىشچىلار يۈزلىگەن ساقچىلار تەرىپىدىن كەلگەن يۇرتلىرىغا مەجبۇرىي ئەپ كېتىلگەن ئىكەن.