موڭغۇلىيەدىكى ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىش موڭغۇل ئاھالىلىرىنى تەشۋىشكە سالماقتىكەن

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 12-ئاينىڭ 26-كۈنى موڭغۇلىيە پايتەختى ئۇلانباتۇردا يۈزلىگەن شەھەر ئاھالىسى يىغىلىپ، مۇھىتتىكى ئېغىر بۇلغىنىش ھەققىدە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

نامايىشچىلار، موڭغۇلىيە دائىرىلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش بويىچە ئۈنۈملۈك تەدبىر ئالالمىغانلىقى، ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان ھاۋانىڭ بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ ھاياتىغا خىرىس ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گرادۇس سوغۇقتا ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىش خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى چەككەن. نامايىشچىلار، «ئىس-تۈتەك ئەڭ چوڭ قاتىلدۇر»، «كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا ساپ ھاۋا تەلەپ قىلىمىز» دېگەن شوئارلارنى توۋلاپ، موڭغۇل دائىرىلىرىنىڭ مۇھىت ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇلانباتور دۇنيادىكى ئەڭ سوغۇق پايتەخت شەھەر بولۇپ، قىش مەزگىلىدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى بەزىدە نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گرادۇسقا چۈشىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سۈنئىي رەۋىشتىكى ھاۋا بۇلغىنىش تۈپەيلى 1 مىليون 300 مىڭ ئاھالىگە ئىگە ئۇلانباتۇردا قىش مەزگىلىدە ئېغىر دەرىجىدە ئىس-تۈتەك چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلمەكتىكەن. بۇ ھال مەزكۇر شەھەردىكى 5 ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئارىسىدا نەپەس يولى ياللۇغى بىلەن ئۆپكە كېسەللىكىنى قوزغاپ، كۆپلىگەن بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان.