موڭغۇلىيە ئارخېئولوگلىرى ئونۇن دەرياسى بويىدىن چىڭگىزخاننىڭ قەبرىسىنى تاپقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-11-10
Share


دۇنيا خەۋەرلىرى تورىنىڭ 6 - نويابىردىكى ئۇچۇرىغا قارىغاندا، موڭغۇلىيە ئارخېئولوگلىرى چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلىكتە ئونۇن دەرياسىنىڭ كونا ئېقىنىدىن 13 - ئەسىردىكى موڭغۇل ئىمپىراتورى چىڭگىزخاننىڭ قەبرىسىنى تاپقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، موڭغۇلىيە يول ياساش ئىشچىلىرى ئونۇن دەرياسى بويىدا يول ياساۋېتىپ مەزكۇر قەبرىلەرنى بايقىغان. ئارقىدىنلا موڭغۇلىيە ئارخېئولوگلىرى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر قەبرىلەرنى ئاچقان.

قەبرىلەر ئەسلىدە ئونۇن دەرياسىنىڭ كونا ئېقىنى ئاستىدا بولۇپ ئىككى قەۋەت قىلىپ ياسالغان. ئۈستى قەۋىتىگە نەچچە ئونلىغان ئات، لەشكەر ۋە خىزمەتچىلەر قۇربانلىق قىلىپ كۆمۈلگەن. ئاستى قەۋىتىدىكى چوڭ قەبرىدىن بىر بەستلىك ئەركەكنىڭ ئىسكىلىتى بىلەن ئۇنىڭغا ھەمدەپنە قىلىنغان 16 ئايالنىڭ ئىسكىلىتى بايقالغان. قەبرىدىن يەنە زور مىقداردىكى ئالتۇن، كۆمۈشلەر تېپىلغان.

پەرەز قىلىنىشىچە، نەچچە يۈز يىللار مابەينىدە مەزكۇر قەبرىلەر ئونۇن دەرياسىنىڭ ئېقىنى ئاستىدا پىنھان ساقلانغان. 18 - ئەسىردە ئونۇن دەرياسى ئېقىنىنى يۆتكىگەندىن كېيىن ئاندىن قۇرۇقلۇققا چىققان.

ئارخېئولوگلار مەزكۇر قەبرىدىكى ئاساسلىق ئىسكىلىتنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ 60 ياشتىن 75 ياش ئارىلىقىدىكى ئەر كىشى ئىكەنلىكىنى، ئۆلگەن يىل دەۋرىنىڭ مىلادىيە 1215 - يىلىدىن 1235 - يىللىرى ئارىلىقىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بېكىتكەن. مۇتەخەسسسىلەر مەزكۇر قەبرىگە ھەمدەپنە قىلىنغان كۆپ ساندىكى لەشكەر ۋە قىز - ئاياللار شۇنىڭدەك زور مىقداردىكى ئالتۇن، كۆمۈشلەر ئۇنىڭ شەك - شۇبھىسىزكى 13 - ئەسىردىكى مەشھۇر موڭغۇل ئىمپىراتورى چىڭگىزخاننىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت