خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر جامائەت پىكرىنى مونوپول قىلىشتا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى قوللانماقتا

ئامېرىكادىكى OpenAI يەنى «ئوچۇق سۈنئىي ئەقىل» ناملىق بىر تەتقىقات ئورنىنىڭ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي، رۇسىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنى بازا قىلغان تور تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى جامائەت پىكرىنى مونوپول قىلىشتا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى قوللانماقتا ئىكەن. دوكلاتتا، بۇ يامان غەرەزلىك تور ئاكتىيورلىرىنىڭ ChatGPT نى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈنئىي ئەقىل قوراللىرىنى ئىشلىتىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا كۆپ خىل تىللاردا پىكىر بايان قىلىدىغانلىقى، يالغان ئىسىم ۋە تەرجىمىھال ياساپ چىقىپ، ساختا ھېساب ئاچىدىغانلىقى، كارتون ۋە باشقا ئىماگلارنى سىزىدىغانلىقى ۋە خاتا كودلارنى ياسايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسى (NPR)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ دوكلات «ئوچۇق سۈنئىي ئەقىل» تەتقىقات ئورنىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۇنجى دوكلاتى ئىكەن.

نۆۋەتتە، «ئوچۇق سۈنئىي ئەقىل» تەتقىقات ئورنى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدا ئالدىنقى ئورۇندىكى شىركەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ياساپ چىققان ChatGPT سۈنئىي ئەقىل يۇمتالى 2022-يىلى 11-ئايدا خەلقنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇنۇلغاندىن بۇيان، ئابۇنتلىرىنىڭ 100 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. بۇ دوكلات خىتاينىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى، تاشقى دۇنياغا «شىنجاڭنىڭ ياخشى ھېكايىسى» نى سۆزلەش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، چەتئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىجابىي مەزمۇنلارنى تېخىمۇ كەڭ تارقىتىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ «نورمال ياشاۋاتقانلىقى» نى كەڭ تەشۋىق قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى تور تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى تارقىتىشىغا قولايلىق ياراتسىمۇ، تېخىمۇ ئاز خاتالىق سادىر قىلىشىغا ياردەم قىلسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەقىقىي تور ئابۇنتلىرىنىڭ ئانچە دىققىتىنى قوزغىيالمىغان ياكى تارقىلىشىمۇ بەك چەكلىك بولغان. دوكلاتتا، Spamouflage ناملىق خىتاي تور ھېسابىنىڭ شۇ خىل سۈنئىي ئەقىل تور تەشۋىقات سۇپىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى نىشان قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، فېيىسبۇكنىڭ ئىگىسى بولغان مېتا شىركىتى ئۆتكەن يىلى Spamouflage نىڭ ھازىرغا قەدەر ئاشكارىلانغان خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرىغا چېتىشلىق ئەڭ چوڭ تەشۋىقات تورى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىكەن.