خىتاينىڭ موسكۋادىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ، لاگېرلارنى تاقاش تەلەپ قىلىندى

21‏-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇر، تۈرك ۋە ئۆزبېكلەر نامايىش قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشنى، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

موسكۋادىكى نامايىش ئوخشاش مەزگىلدە ھىندونېزىيە، مالايسىيا، تۈركىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن لاگېرلارغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار زەنجىرىنىڭ بىر ھالقىسۇر. موسكۋادىكى نامايىشقا تەخمىنەن 10 ‏-15دەك ئادەم قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ نامايىشنىڭ 1940‏-يىللىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قوراللىق ئىنقىلابىنى قوللاپ، «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەرگەن، لېكىن ھازىر خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتىكى رۇسىيەدەك بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلۈشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

بۇنىڭ سەل ئالدىدا رۇسىيەنىڭ «بۈگۈنكى رۇسىيە» تېلېۋىزىيە قانىلى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباسنى زىيارەت قىلغان ئىدى. ئۇ لاگېردىكى تۇتقۇنلار ھەققىدە توختىلىپ، بۇ پەقەت «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىلا سەھنىگە ئېلىپ چىقىشى كېرەك بولغان مەسىلە ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلىشقا، ھەرىكەت قوللىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە» دېگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، موسكۋادىكى نامايىشتا نامايىشچىلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قۇرغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشنى، ئۇيغۇر قاتارلىق مىليونلىغان مۇسۇلمان تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. نامايىشقا موسكۋادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن شېرىپ ئەخمەدوف قاتارلىقلار رىياسەتچىلىك قىلغان. نامايىش ھەققىدە رۇسىيەنىڭ «رېئال زامان» خەۋەر ئاگېنتلىقى سۈرەتلىك خەۋەر تارقاتقان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە رۇسىيەنىڭ تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى تاتار پائالىيەتچىلەر 22‏-دېكابىر كۈنى قازان شەھىرىدە لاگېرلارغا قارشى نامايىش قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن.