رۇس تىلىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان رۇسلارنىڭ موسكۋا دۆلىتىدە تاكى 15-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر يېزىقى ئىشلىتىلگەنلىكىگە ئائىت تارىخى ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلار داۋاملاشماقتا.
بۇ ئۇچۇر رۇس تىلىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن newscentral.exsees.com ۋە باشقىلار شۇنىڭدەك يەنە فېيىسبوكتىمۇ تارقالدى.
موسكۋا دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقى ئىشلەتكەنلىكىگە ئائىت بىر قەدەر تەپسىلىيرەك تارىخى ئۇچۇر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ«Doppalife» دەپ ئاتالغان تورىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تارىخى مەلۇماتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخشۇناسى ۋە ئارخىپشۇناسى پروفېسسور س.ن. ۋالك رۇسىيە تارىخى ئارخىپلىرى ئاساسىدا موسكۋا دۆلىتىدە 15-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر يېزىقى ئىشلىتىلكەنلىكىنى، پەقەت 15-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن كېيىن كىرىل يېزىقىنى قوللىنىشقا باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇنىڭ قارىشىچە، موسكۋا دۆلىتىدە 14-ئەسىر ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا تەۋە بولغان بىرەر يازما پەرمان بولمىغان. پەقەت 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بىر پەرمانچى ئەمەلدار تەرىپىدىن يېزىلىپ، ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىمزا قويۇلغان بىر پارچە ھۆججەتنىڭ ئورگىنالى ساقلىنىپ قالغان. موسكۋا كىنەزى ۋاسىلىي تىيومىننىڭ 1435-يىلىدىكى گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىغىمۇ ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئىمزا قويۇلغان، ھۆكۈمران ۋاسلىي تيومىننىڭ خانىشى سوفىيەنىڭ 1453-يىلى يازغان دىنى گۇۋاھنامىسىغىمۇ ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئىمزا قويۇلغان.
1494-يىلى،23-ماي كۈنى كىنەز نىكىتا كوزلوۋنىڭ ئىۋان پاۋلوۋقا ئەۋەتكەن گۇۋاھنامىسىدىمۇ ئۇيغۇر يېزىقى ئىشلەتكەن تامغا بېسىلغان ئىكەن.
مەلۇمكى، ئۇيغۇر يېزىقى مىلادى 1206-1210-يىللىرى ئارىسىدا چىڭگىزخان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، موڭغۇللارنىڭ يېزىقىغا ئايلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر يېزىقى چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان كەڭ جايلارغا تارقالغان ئىدى.
ۋ.ۋ. رادلوۋ، ۋ. بارتولد ۋە باشقا رۇسىيە تارىخشۇناسلىرى 13-15-ئەسىرلەرگىچە ھازىرقى رۇسىيە ۋە شەرقىي ياۋروپانىڭ بىر قىسىمى ھەم باشقا جايلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئالتۇن ئوردا خاندانلىقىدا شۇنىڭدەك يەنە ئەمىر تېمۇر ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇر يېزىقى ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تارىخچىلار تارىختىكى موسكۋا دۆلىتى ۋە باشقا رۇس كىنەزلىكلىرى بىر قانچە ئەسىر ئالتۇن ئوردا خاندانلىقىغا بېقىندا ھاكىمىيەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولغانلىقىنى يېزىشىدۇ.