خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ يېقىنقى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چەت ئەللەردىكى «خىتاي مۇھاجىرلىرى» نىڭ پەرزەنتلىرىنى نىشان قىلغان «يىلتىزىنى ئىزدەش» سەپىرىنى پائال تەشكىللەشكە ئۆتكەن. بۇنىڭدا ئۇلار يېڭى زېلاندىيە، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، سىنگاپور قاتارلىق جايلاردىكى «خىتاي مۇھاجىرلىرى» نىڭ پەرزەنتلىرىگە ئۇلارنىڭ «ئەجداد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى يىلتىزىنىڭ خىتايدا ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەسلى يىلتىزىنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەكلىكى» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى ۋە ئىچكى موڭغۇل مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن بۇ قېتىملىق يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە 70 نەچچە نەپەر «مۇھاجىر ئۆسمۈر» قاتناشقان. شۇنداقلا موڭغۇللارنىڭ تارىخىي شەھەرلىرىدىن بولغان توڭلياۋ شەھىرىدە توققۇز كۈنلۈك «يىلتىزىنى ئىزدەش» پائالىيىتىنى باشلىغان. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ «بەش مىڭ يىللىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن قانچىلىك ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمگەنلىكى»، شۇنىڭدەك بۇ ئارقىلىق تاشقى دۇنياغا «ئىچكى موڭغۇل ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەش» كە مۇمكىن بولىدىغانلىقى ئېيتىلغان. خەۋەردە بۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ قانچىلىكى خىتاي، قانچىلىكى موڭغۇل ئىكەنلىكى ئېيتىلمىغان. ئەمما توڭلياۋ شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق پائالىيەت مەركىزى قىلىنغانلىقى ھەمدە پائالىيەت جەريانىدا موڭغۇلچە مەدەنىيەت مەزمۇنلىرىنىڭ ئۆگىنىلگەنلىكى بۇ قېتىمقى يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە قاتناشقانلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى موڭغۇل بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئالغا سۈرۈلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي مىللەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن بازارغا سېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ بىر تىپىك ئىپادىسى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق كىملىكى» چۈشەنچىسىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇشتا ئەكس ئېتىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي تەشۋىقاتنىڭ بىر مۇھىم تەركىبىي قىسمى دەل مۇشۇ مەزمۇن بولۇپ، بۇ خىلدىكى «يىلتىزىنى ئىزدەش» پائالىيىتىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ كۆرۈلۈشى تەخمىن قىلىنماقتا.
