ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ھازىرقى زامان شىنجاڭ تارىخىدىن جاراھەتلەر ۋە ئەسلىمىلەر» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن
2016.04.18
ئىگىلىشىمىزچە، 15-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكىنىڭ غەربىي-شىمالىدىكى سېئاتۇل شەھىرىگە جايلاشقان ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتى» نىڭ 2016- يىللىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان.
مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان مەخسۇس بىر مۇنبەر ئۇيۇشتۇرۇلغان. «ھازىرقى زامان شىنجاڭ تارىخىدىن جاراھەتلەر ۋە ئەسلىمىلەر» دەپ نام بېرىلگەن بۇ مۇنبەردە ئامېرىكا ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن تەكلىپ قىلىنغان ياش تەتقىقاتچىلار مەخسۇس تېمىدىكى ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.
ئامېرىكىدىكى «ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتى» نىڭ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مۇنبەردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر ۋە ئۇلارنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا قالدۇرغان جاراھەتلىرى شۇنداقلا بۇ ھەقتىكى ئەسلىمىلەر بويىچە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان.
مەزكۇر مۇنبەردە ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرانتى ئېرىك شىلۇسسېلنىڭ «دۇنيا پارە-پارە بولغاندا: تارىخىي ۋە شەخسىي ئەسلىمىلەردە 1864-يىلىدىكى مۇسۇلمانلار قوزغىلاڭلىرى» ناملىق ماقالىسى؛ ئاۋگۇستا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى ساندرىن كاترىسنىڭ «1960-يىللاردىكى شىنجاڭنى ئۇنتۇش ئۈچۈن كۈرەش» ناملىق ماقالىسى؛ ئىندىانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرانتى برايىن سىۋېكنىڭ «نەننىۋەندىن شىنجاڭدا بوز يەر ئېچىشقىچە: مۇستەملىكە تارىخىي ئېڭىدىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىگە بىر نەزەر» ناملىق ماقالىسى؛ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى راھىلە داۋۇتنىڭ «ئىنقىلاب ۋە ئەستىلىك: بۈگۈنكى شىنجاڭدىكى سوفى ئاياللارنىڭ ئاغزاكى تارىخچىلىقى» ناملىق ماقالىلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان.
مەزكۇر مۇنبەردە يېڭى ئورلېئاندىكى لويالا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى، يەنى «ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مۇقەددەس يوللىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى رىئان تۇم ئاساسلىق مۇنازىرىچى سۈپىتىدە مۇھاكىمىگە ئىشتىراك قىلغان.
يېقىندىن بۇيان خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە، بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر تارىخى، ئىجتىمائىي مەدەنىيىتى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي مۇھىتى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىلمىي مۇھاكىمىلەر كۈنسېرى جانلانماقتا. ياش بىر ئەۋلاد تەتقىقاتچىلاردىن رىئان تۇمنىڭ «ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مۇقەددەس يوللىرى»، ئوندرېي كلىمېسنىڭ «قەلەم كۈرىشى»، داۋىد بروفىينىڭ «ئۇيغۇر مىللىتى» قاتارلىق يېڭى ئەمگەكلىرى يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى بويىچە مەلۇم ئىلگىرىلەشلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.









