بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلىنىڭ جىنازا نامىزى جۈمە كۈنى ئوقۇلدى


بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلىنىڭ دەپنە مۇراسىمى جۈمە كۈنى ئۇنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى كېنتاكىي شتاتىنىڭ لۇئىسۋىل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

«ۋال سترېت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇنىڭ جىنازا نامىزىغا دۇنيا رەھبەرلىرى، ھەر ساھە چولپانلىرى، ئۇنىڭ مەستانىلىرى، قوللىغۇچىلىرى، يېقىنلىرى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بولۇپ 14 مىڭ ئادەم قاتناشقان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردۇغانمۇ بار ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇنىڭ جىنازا نامىزىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن دەپنە مۇراسىمىغا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما قىزىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش مۇراسىمى سەۋەبلىك قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر، سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كلىنتون، بوكس چولپىنى مايك تايسون، كىنو چولپىنى ئارنولد شۋارزېنېگېر ۋە پۇتبول چولپىنى دەيۋىد بەكھام قاتارلىق مەشھۇر شەخسلەرمۇ قاتناشقان.

خەۋەرلەردە يەنە، مۇھەممەد ئەلىنىڭ جىنازىسى ئېلىپ مېڭىلغان يول بويىدا ئۇنىڭغا ئاخىرقى قېتىم ھۆرمەت بىلدۈرۈشكە كەلگەن ئادەملەر سانى 150 مىڭغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

مۇھەممەد ئەلى 3 - ئىيۇن 74 يېشىدا نەپەس يوللىرى كېسەللىكى بىلەن ئارىزونادىكى بىر دوختۇرخانىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.

مۇھەممەد ئەلى 1942 - يىلى 17 - يانۋار كېنتاكىي شتاتىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ تۇغۇلغاندا قويۇلغان ئىسمى «كاسيۇس كلەي»بولۇپ ئۇ، 1964 - يىلى مايدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ۋە ئىسمىنى مۇھەممەت ئەلىگە ئۆزگەرتكەنلىكىنى جاكارلىغان.