ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان مۇھىتى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.03.18

ئۇيغۇر دىيارىدا كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان مۇھىت بۇزۇلۇش مەسىلىسى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىشقا باشلىغان.

ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭدىكى «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىغا مۇناسىۋەتلىك پىكىر-تەكلىپلەر ئىچىدە مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى مەلۇم.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» نىڭ مۇھاكىمىسىگە قاتناشقاندا، رايوندىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، بۇلغىنىش ۋە قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە مەخسۇس كۆرسەتمە بەرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ناھىيەلىرىدىن كەلگەن بەزى ۋەكىللەر مۇھىت ھەققىدە تەكلىپ بېرىپ، «ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن مۇھىتنى قۇربان قىلماسلىق» نى تەلەپ قىلغان ئىكەن.

مەلۇمكى، قۇملىشىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى، مۇزلۇقلارنىڭ تارىيىشى، سۇ مەنبەلىرىنىڭ ئازىيىپ، يەر ئاستى سۇ يۈزىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى شۇنىڭدەك ھاۋادىكى بۇلغىما ماددىلارنىڭ ئېشىپ كېتىشى ئۇيغۇر دىيارىدا ئەڭ گەۋدىلىك كۆرۈلىۋاتقان مۇھىت مەسىلىلىرى ئىكەن.

ئالدىنقى كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ خىتايدىكى ھاۋاسى ئەڭ بۇلغانغان 38 شەھەر ئىچىدە ئەڭ ناچار ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.